Муҳаммад Солиҳ шеърлари Уйғур тилида

141007ifspfqpcn1lp28ls.jpg.thumbМуҳаммад Солиҳнинг шеърлари Уйғур тилига таржима қилинди. Қуйида уйғур шоир ва таржимони Ёлқин Азизий таржимасида Муҳаммад Солиҳнинг «Мансур шеърлар» туркумидан бир парча эълон қиламиз.

مۇھەممەد سالىھ : مەنسۇر شېئىرلار
(ئۆزبېكىستان)ئۆزبېكىچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزىتۈركىي تىلدا سۆزلىمەكتۈركىي تىلدا سۆزلىمەك ئاسان.
تۈركىي تىلدا سۆزلىمەك شۇنچىلىك قىيىن.
بۇ تىلدا سۆزلىمەك شۇنچىلىك قىيىن، شۇنچىلىك ئاچچىق.
ئەگەر كەيپىڭ چاغ بولسا، تاڭ سەھەردە ئوڭ يېنىڭنى بېسىپ قوپقان بولساڭ، ئۆتكەن كۈنلىرىڭدىن پۇشايمان قىلمىغان بولساڭ، سابىت ئىشەنچىڭ بولسا، كېلىچەككە تۈركىي تىلدا سۆزلە.
كىمنىدۇر سۆيسەڭ، مۇھەببەت كۆكسىڭگە سىغمىسا، تۈركىي تىلدا سۆزلە.
كىمنىدۇر يامان كۆرسەڭ، نەپرەت بوغۇزىڭغا تىقىلسا، تۈركىي تىلدا سۆزلە.

ئارزۇ

ئەرەبىستاننى ئارزۇ قىلما. سېغىنىشىڭنى يوشۇر. تەبەسسۇم قىل ماڭا سۆيۈملۈكۈم.
ھازىر تاشقىردا يامغۇر ئەۋزەيلەيۋاتقان چاغدا، ھەر بىر قارا دەرەخ بىزنىڭ يالغۇزلۇقىمىزنى ئۆتكۈر شاخلىرى بىلەن نوقۇۋاتقان پەيىتتە، ئەرەبىستاننى ئارزۇ قىلىش ئېغىر، قۇياشنى ئويلىماق ئېغىر…
ئەزىزىم، مەيلى، سېغىنىشىڭنى يوشۇرما، مەيلى ئۆرتىمىگىن ئۆزۈڭنى، مەيلى، كېرەك ئەمەس تەبەسسۇم، ئارزۇ قىل، مەيلى سۆيۈملۈكۈم.
ئاپېلىسننى ئارزۇ قىل، ھېچ يەردە يوق ئاپېلىسننى.
ئاپېلىسننى خىيال قىل، ئۇنى چەپ قولۇڭغا ئال، قولۇڭ چىمچىلىقىنى كېرىپ تاماشا قىل، گويا چەپ قېشىڭنى يىمىرىپ، قۇياشنى كۆزەتكەندەك تاماشا قىل ئۇنى، سۆيۈملۈكۈم !

ئالدامچى

قىشنى ئالدىدىم.
ئۇنى پەلتۇسىز ئۆتكەزدىم. ئايازلىق كۈنلەردە قالتىرماسلىققا ھەركەت قىلدىم ۋە بۇنىڭ ھۆدىسدىن چىقتىم.
قىشقا بەدۆلەت ئادەم بولۇپ كۆرنۈشكە ئىنتىلدىم، ئۆيدە يۈزلەپ خىلمۇ-خىل كىيىم-كېچەكلىرىم بار ئىدى -يۇ، ئەمما بىرەرنىمۇ ياقتۇرمايدىغان ئادەم بولۇپ كۆرنۈشكە ئىنتىلدىم.
يېلىڭلىقىمنى ئۇ ئۆزىگە بولغان ئېھتىرام دەپ چۈشەندى. باي ئادەمنىڭ خۇدا بولغان ھۆرمىتى دەپ چۈشەندى.
ھەقىقتەنمۇ بايمەن. ئەڭ ئىسىق پەلتۇلارنى، سۆسەر تۇماقلارنى قۇربانلىق قىلغان بايمەن.
دۇنيا بايلىرى ئىچىدە خۇدانى ھۆرمەت قىلغان بىرەر باي بارمكىن؟
ئەگەر بار بولسا، ئۇ-پەقەت مەن.

ئون بەش يىلدىن كىيىن

ئۇنىڭ بىساتىدا ۋەتەندىن يىراق ئۆتكەن شۇ ئون بەش يىلدىن بۆلەك ھېچبىر ئەسلىمە يوق ئىدى.
ئۇ ئاتىسىغا ئۇزاق تىكلىدى، ئانىسىغا، ئۇكۇلىرىغا ئۇزاق قارىدى دە ئۆز-ئۆزىگە شىۋىرلىدى : ياخشى ئادەملەر!
ئۇ تېىخىچە ئەسلىمىگە باش ئۇرغىنى يوق.
ئۇ ئەسلىمە بىلەن يۈزمۇ-يۈز قارىشىپ تۇرار.
ئىككى قارىغۇ كەبى يۈزمۇ-يۈز تۇرىدۇ ئۇلار.

قۇيرۇق مونولۇگى

ئۆزۈمگە ئۆزۈم خان، ئۆزۈمگە ئۆزۈم قۇيرۇقىمەن.
ھېچكىمنىڭ ئارقىسدىن ئەگەشمەيمەن.
ھېچكىمنىڭ ئالدىدا لىكىلدىمايمەن.
ھېچقاچان غەلۋىر باغلىمايمەن ئۆزۈمگە…
مېنى باغلىماقچى بولغانلار بولسا، دەپ قوياي، ئاۋارە بولۇپتۇ.
ئۆزۈمگە ئۆزۈم خانمەن، ئۆزۈمگە ئۆزۈم قۇيرۇقمەن.
ئىگەمدىن قاچان ئايرىلغنىم ئېسىمدە يوق، ئەسلىگىممۇ كەلمەيدۇ. پەقەت تەسەۋۋۇرۇمدا قاچاندىدۇر شىدەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن پالتىنىڭ سۈرىتى قېتىپ قالغان.
پولاتتا ئەكىس ئەتكەن بۇ لەھزىلىك شولا، مېنىڭ ئېڭىمنى مەڭگۈ يارتىدۇ.
ئاشۇ شولا مېنىڭ قۇياشىمدۇر!

قار ياغقاندا

يېغىۋاتقان قارغا قاراپ ئويلايسەن : نىمىشقا ئادەم نىگاھىدىن ئىز قالمايدۇ ؟
ئەگەر قالسا، ئۇ قايسى شەكىلدە بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلايسەن.
ئادەم نىگاھى، بارچە نەرىسلەردىن مەۋجۇتراق، نىمىشقا ئۇنىڭدىن ئىز قالمايدۇ ؟
ئادەم نىگاھدىنمۇ ئېغىرراق يۈك يوقتۇر. نىمىشقا ئۇنىڭدىن ئىزلار قالمايدۇ دەپ يازىسەن ۋە شۇ يازمنىڭ ئاشۇ ئىز ئىكەنلىكى خىيالىڭغا كەلمەيدۇ.

ھەيكەل سايىسدا

ئات ئۈستىدە ئولتۇرغان ھەيكەل جاھانگىرنىڭ ھەيكىلى بۇ.
ياق، بىر قارىماققا شۇنداق تۇيۇلىدۇ خالاس.
ئىشەنمىسىڭىز دىققەت بىلەن كۆزۈتۈپ بېقىڭ : بۇ ئادەم ھەرگىز جاھانگىر ئەمەس، ھەيكەلتىراشنىڭ ئۆزى.
يەنىمۇ دىققەت قىلسىڭىز، ئۇنىڭ قولدىكى شەمشەر تاش يونايدىغان ئەسۋابقا ئايلىندۇ. ئۇ خۇددى ئاتنىڭ قۇلقىنى پەدازلاۋاتقاندەك.
ياق، ئۇ جاھانگىر ئەمەس، جاھانگىر ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئادەم تېخىچە ئىشىنى تۈگەتمىگەن ھەيكەلتىراش.

سوۋۇپ بېرىۋاتقان قولنى تۇتۇپ

ئۇنىڭ سوۋۇپ بېرىۋاتقان قولنى تۇتۇپ  خىرەلىشىۋاتقان كۆزلىرىگە تىكىلدىم :
-ئىشەن، مەن پۈتۈنلەي قايتىپ كېلىمەن. مېنى شەھەرگە باغلاپ قويغىنى يوق. يېزىش-سىزشلىرىمنى مۇشۇ جايدا قىلساممۇ بولىۋىرىدۇ. مەن سەن تىككەن دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىمەن. ئۇكىلىرىمغا ياردەم قىلىمەن. ئۇلار بىلەن بىرگە ياشايمەن…
كۆڭلۈڭ توق تۇرسۇن، ئەمدى شەھەرگە زادى كەتمەيمەن، ماڭا ئەمدى ئەقىل كىردى.

ۋاقىت

مانا شۇ سېمىز ئايال بىلەن بىللە ئوقۇغان ئىدۇق.
مانا شۇ سېمىز ئايالنى مەن سۆيگەنتىم. ئەگەر ھازىر ئۇچراتمىغان بولسام ئۇ يادىمغىمۇ كەلمەس ئىدى.
شەپقەتسىز بىزمۇ ياكى ۋاقىت ؟
ئىككىسى بىر نەرسە. سۈرۈشتۈرۈشنىڭ زۆرۈريتى بارمۇ؟
بىز ئىككى ئاياغلىق ۋاقىت.
ئىغاڭلاپ كېتىۋاتقان مانا شۇ ئايالنى مەن سۆيگەن ئىدىم ئاخىر!
ئۇنىڭ بىلەن مانا شۇ تېرەككە ئىسىمىمىزنى ئويغانتۇق.
ئەمدى ھەرىپلەر قارىيىپ، شىلىنغان. تېرەك بولسا داۋاملىق ئۆسمەكتە. تۆت تەرەپكە شاخلاۋېتىپتۇ، تېرەك!

ھەممە نەرسە بار

ئىككى كۈندە بىر قېتىم تاماق يىگەن ئادەم، ھەر كۈنى تاماق يىگەن ئادەمدىن ئۇزۇنراق ياشايمىش…
بۇ ھازىرقى زامان ئىلىمدارلىرنىڭ تەسبىتى. لېكىن بىزنىڭ دىنىمىزدا ئاللاھ ئىنسان ئۆز رىسقىنى يەپ بولمىغىچە ئۆلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. يەنى ئاز تاماق يىگەن ئادەمنى دەيلى، ئۇ بىر يىلدا يەيدىغىنى ئىككى يىلدا يىسە ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى بىر يىل ئۇزاتقان بولىدۇ.
توغىرىسىنى جانابى ئاللاھ بىلىدۇ ئەلۋەتتە.

شېئىرلار تۈركىيە جۇمھۇرىيتى  «ئىخلاس» گېزىتچىلكى 2011-يىلى نەشىر قىلىغان شائىرنىڭ « ۋەلفەجىر» ناملىق تاللانما شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى

Манбалар: bbs.izdinix.comawangart.com

Добавить комментарий

Ваш e-mail не будет опубликован. Обязательные поля помечены *